شىر
From Wikipedia
شىر (Shir, шир) سۈت ئەمگۈچى گۆشخور ھايۋان . تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىر ئەتراپىدا ، تۆت پۇتى كۈچلۈك كېلىدۇ . ئەركىكىنىڭ بوينىدا ئۇزۇن يالى بولۇپ ، پۈتۈن بەدىنىدىكى تۈكلىرى سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە كېلىدۇ. ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. كۈچلۈك ھۆركىرەيدۇ. ئادەتتە ھايۋانلار پادىشاھى دەپ قارىلىدۇ.
تەق . سۇنىڭ ئارتۇقچە شاۋقۇنلانماي ئېقىشى ، تال-يوپۇرماقلارنىڭ تەۋرىنىشى ، كىيىم تىكىش ماشىنىسىغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ھەرىكەتلىنىشى قاتارلىقلاردىن ھاسىل بولغان ئاۋاز . سۈپ . ئىچى كاۋاك ياكى پور ئەمەس ، پۈتۈن ؛ زىچ ، چىڭ ، پورلاشمىغان : شىر تۇرۇپ . شىر ياغاچ .