بامبۇك
From Wikipedia
بامبۇك (Bambuk, бамбук) باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك . دائىم كۆكىرىپ تۇرىدۇ ؛ غولى سىلىندىر شەكلىدە ، ئوتتۇرىسى كاۋاك ۋە بوغۇملۇق كېلىدۇ ؛ يوپۇرمىقىدا پاراللېل كەتكەن تومۇرلىرى بولىدۇ . غولىنى قۇرۇلۇشلارغا ، جابدۇق ياساشقا ئىشلىتىشكە ، نوتىسىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ .