مەدەنىيەت
From Wikipedia
مەدەنىيەت (Medeniyet, мәдәнийәт) ئىنسانلارنىڭ جەمئىيەت تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا ياراتقان ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرى ، ئۇتۇقلىرى . ئادەتتە ئۇ كۆپرەك مەنىۋى بايلىقلارنى يەنى ئەدەبىيات- سەنئەت ، مائارىپ ، ئىلىم-پەن قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ .
- بىرەر ئىجتىمائىي گۇرۇپپا ، سىنىپ ياكى خەلقنىڭ مەلۇم دەۋردە قولغا كەلتۈرۈلگەن شۇنداق ئۇتۇقلىرىنىڭ دەرىجىسى : سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت . پرولېتارىيات مەدەنىيىتى . بۇرژۇئازىيە مەدەنىيىتى .
- ئارخېئول ئوخشاش بىر تارىخىي دەۋردە ، تارقىلىش نۇقتىسىنىڭ يۆتكىلىشىگە قارىماستىن ساقلىنىپ قالغان خارابە ئىزلىرى ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ يىغىندىسى .
- يېزىق ئىشلىتىش قابىلىيىتى ، ئومۇمىي ساۋات ؛ تەلىم-تەربىيە كۆرگەنلىك ، زىيالىيلىق ؛ مەرىپەت : مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالماق . مەدەنىيەت ئۆگىنىشى . مەدەنىيەت سەۋىيىسى .