ئۇزاتماق
From Wikipedia
① قولىدىكى نەرسىنى باشقا بىرىگە قولىنى سوزۇپ تۇتقۇزماق ، سۇنماق : باشلىق قول يازمىنى ماڭا ئۇزاتتىدە ، كەسكىن ھالدا گەپ تاپىلىدى .
②بىرەر تەرەپكە قارىتىپ سوزماق ، تەڭلىمەك (قول ، پۇت ھەققىدە) : مېۋىسىز دەرەخقە كىم باقىدۇ ، مېۋىلىك دەرەخقە ھەر كىم قول ئۇزىتىدۇ (ماقال) .
③ بىرەر جايغىچە ھەمراھ بولۇپ يولغا سېلىپ قويماق : مەن قايتقاندا ، رىزۋان مېنى چوڭ دەرۋازىغىچە ئۇزىتىپ قويدى .
④ يولغا سالماق ، ماڭدۇرماق : ئىشخانىدىكىلەر ئابباس بىلەن سادىققا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ، قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۇلارنى ئۇزاتتى .
⑤ تۇرمۇشقا چىقارماق ، ئەرگە بەرمەك : قىز ئۇزاتماق .
⑥ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى پۈتكۈزۈپ دەپنە قىلماق : شاھزادە دادىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىپ نەزىر-چىراغلىرىنى ئۆتكۈزۈپتۇ .
⑦ كۆچمە . مېھمان قىلماق : - ھېلىقى گىلەم ئالىمىز دەپ يىغىپ يۈرگەن 200 يۈەن پۇلنى بۈگۈنلا بانكىدىن ئەكېلىڭ ، شۇ پۇل بىلەن مېھمانلارنى ئۇزىتىۋالارمىز ، - دېدى ئايالىم .