كىت
From Wikipedia
كىت (Kit, кит) سۈت ئەمگۈچى ھايۋان . تۈرلىرى كۆپ ، دېڭىز-ئوكيانلاردا ياشايدۇ ، تۇغۇپ كۆپىيىدۇ . تەن شەكلى بېلىققا ئوخشايدۇ ، تەن ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ ، ھازىرقى زامان ھايۋانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭلىرى ھېسابلىنىدۇ . ئالدىنقى ئايىغى پالاققا ئايلانغان ، ئارقا ئايىغى رودېمېنتلاشقان ، قۇيرۇقى قۇيرۇق پالاقچىسىغا ئايلانغان . بۇرۇن تۆشۈكى بېشىنىڭ ئۈستىدە ، ئۆپكىسى ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ . گۆشىنى يېيىشكە بولىدۇ . يېغى دورىگەرلىكتە ۋە سانائەتتە ئىشلىتىلىدۇ .