كىسلاتا
From Wikipedia
كىسلاتا (Kislata, кислата) سۇدىكى ئېرىتمىسىدە ھىدروگېن ئىئونى پەيدا قىلىدىغان بىرىكمىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى . بۇ تۈردىكى ماددىلار ئاساسلار بىلەن نېيتراللىشىپ تۇز بىلەن سۇ ھاسىل قىلىدۇ ، سۇدىكى ئېرىتمىسى كىسلاتالىق تەمگە ئىگە ، لاكمۇس قەغىزىنى قىزارتىدۇ ، بەزى مېتاللار بىلەن بىرىكىپ ھىدروگېن بىلەن تۇز ھاسىل قىلىدۇ . مەسىلەن ، سۇلفات كىسلاتاسى ، تۇز كىسلاتاسى قاتارلىقلارغا ئوخشاش .