سەنئەت
From Wikipedia
ئى ئە
- ئوبراز يارىتىش ئارقىلىق رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ، رېئاللىققا قارىغاندا تىپىك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغان بىر خىل ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە . ئۇ ئەدەبىيات ، رەسساملىق ، نەققاشلىق ، بىناكارلىق ، مۇزىكا ، ئۇسسۇل ، تىياتىر ، كىنو ۋە ئەلنەغمە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
- ئەمەلىي پەنلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىش ئۇسلۇبى ، سىستېمىسى : ھەربىي سەنئەت . رەھبەرلىك سەنئىتى .
- كۆچمە . يۈكسەك ماھارەت ، ئۇستىلىق : ھۆپىگەرلەرنىڭ خېرىدار قىچقىرىپ توۋلاشلىرى ، ئاشپەز - ناۋايلارنىڭ مانتا ساناشلىرى ، نانلىرىنى ماختاشلىرىمۇ بىر سەنئەت ئىدى .
- ناخشا - ئۇسسۇل ؛ ناخشا - ئۇسسۇل ساھەسى ياكى ئۆمىكى : ئۇ : - ھە ، مەن ناخشا ئېيتىشىغا قاراپ سەنئەتتە ئىشلىسە كېرەك دەپ ئويلاپتىمەن ، - دېدى .