ئالاقە
From Wikipedia
ئالاقە (Alaqe, Aлақә) ئۆزئارا مۇناسىۋەت مۇئامىلە ، باردى- كەلدى ، ئىچكى - تاشقى باغلىنىش : دوستلۇق ئالاقىسى . سودا ئالاقىلىرى . ئالاقە باغلىماق . ئالاقە قىلماق .
ئىككى نۇقتا ياكى ئىككى ئارىلىقتا تۇرۇپ خەۋەرلىشىش ، باغلىنىش ۋاسىتىسى : تېلېفون ئالاقىسى . ئالاقە يوللىرى . يىگىت ، قىز ياكى ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى قەلبداشلىق تۇيغۇ ، كەيپىيات ؛ ئىشق -مۇھەببەت ؛ جىنسىي مۇناسىۋەت : - بۇ ئۈزۈكلەرنىڭ ئىگىلىرى خۇددى سىلەرگە ئوخشاش مەن بىلەن ئالاقىدە بولغان ، - دەپتۇ ھېلىقى ئايال.
بىرەر ئىدارە ، تەشكىلاتنىڭ تونۇشتۇرۇش ياكى ئىسپات خېتى : سەن كەنتنىڭ ئالاقىسىنى ئېلىپ يېزىغا بارغىن .