مۈشۈكئېيىق
From Wikipedia
مۈشۈكئېيىق (Müshükéyiq, мүшүкейиқ) سۈت ئەمگۈچى ھايۋان . تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 130 - 160 سانتېمېتىر ، تەن شەكلى ئېيىققا ئوخشايدۇ . قۇيرۇقى قىسقا ، بېشى ، كۆكرىكى ، قورسىقى ، دۈمبىسى ۋە ساغرىسى ئاق ؛ تۆت ئايىغى ، ئىككى قۇلىقى ھەم كۆز چەمبىرىكى قارا قوڭۇر ؛ تۈكلىرى توم ھەم قېلىن ، سوغۇققا چىداملىق ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونلىرىدىكى ئېگىز تاغلىقلاردا بامبۇك شاخلىرىنى يەپ ياشايدۇ . دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە ئەتىۋارلىق ھايۋىنى ھېسابلىنىدۇ .